باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ 190 مىليارد يۈەن ئورمانچىلىق مەبلىغى ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىلدى

2018.04.17 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرېل دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشۇمىزچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ 190 مىليارد يۈەن ئورمانچىلىق مەبلىغى ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلگەن. 2016-يىلدىن بۇيان، 832 نامرات ناھىيەگە مەركەزنىڭ ئورمانچىلىق سېلىنمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق سېلىنما سوممىسى «12-بەش يىل»دىكىدىن 30 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پىلان-مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى تاغلىق، ئورمان، قۇملۇق رايونلار مەملىكەت زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %80ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ جايلارغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى %60 نامرات ئاھالە جايلاشقان. تاغلىق، ئورمان، قۇملۇق رايونلار، شۇنداقلا نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى بىلەن نامرات رايونلارنىڭ يۈكسەك بىرىكىش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق زور ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە 3/2دىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىن نامرات ناھىيەلەرنىڭ سېلىنما كۆلىمى ۋە ئېشىش نىسبىتىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %15 يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ %80ىنى نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر