باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خۇاۋېي»نىڭ 5Gسى دۇنيا بويىچە تۇنجى «ياۋروپا ئىتتىپاقى يول خېتى»گە ئېرىشتى

2018.04.17 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خۇاۋېي»دىن ئۇقۇشىمىزچە، «خۇاۋېي»نىڭ بۇ يىل سودىدا ئىشلىتىدىغان 5G NR مەھسۇلاتى(5-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش بويىچە يېڭىدىن سىمسىز ئۇلاش تېخنىكىسى، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 5G دېيىلىدۇ)، دۇنيا بويىچە تۇنجى 5G مەھسۇلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى سىمسىز ئۈسكۈنە بۇيرۇق تىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش گۇۋاھنامىسى(CE-TEC)غا ئېرىشكەن، بۇ «خۇاۋېي» 5G مەھسۇلاتىنىڭ بازار سودا ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، كۆلەملىك سودىغا يۈزلىنىشتە ھالقىلىق بىر قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۇقۇشۇمىزچە، بۇ قېتىم CE-TEC سىناق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن «خۇاۋېي» 5G نىڭ C دولقۇن بۆلىكىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئانتېننا مەنبەلىك ئانتېننا بىرلىك ئاساسىي پونكىتى كۆچمە كەڭ بەلباغلىق چوڭ سىغىملىق كۆرۈنۈشنى كۈچەيتىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، سىرتتا xGbpsنى (Gbps كەڭ بەلباغلىق ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، Gbps1نىڭ يوللاش تېزلىكى سېكۇنتىغا 1000 مىگابىت) ئۈزلۈكسىز ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. CE باشقا جاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىدىكى مەجبۇرىي خاراكتېرلىك گۇۋاھ بەلگىسى بولۇپ، ياۋروپا بازىرىغا كىرىشنىڭ «يول خېتى» دەپ قارىلىدىكەن. «خۇاۋېي » 5G مەھسۇلاتى ئېرىشكەن CE گۇۋاھنامىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق ئىجازەت تەلىپىنى تامامەن قاندۇرغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر