خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن، جىددىي سىگنال ئاۋازىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسلىق زەمبىرەك بىلەن دېڭىزغا، ياردەمچى زەمبىرەك بىلەن ھاۋاغا بولغان ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان قارىغا ئېتىش مەشىقى ئەدەن قولتۇقىدا تۇيۇقسىز باشلاندى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 28-تۈركۈمدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق پاراخوتى يەنچېڭ پاراخوتىدىكى ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېز سۈرئەتتە ئۆز ئورنىغا قاراپ چاپتى.
بۇيرۇق بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جەڭ ئورۇنلىرى كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىپ، كەسكىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دەل جايىغا ئاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى