باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە يۈشۇنىڭ داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىيات نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2018.04.19 15:13   مەنبە: خەلق تورى

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە يۈشۇنىڭ داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىيات نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جى ئەن (سولدا) بىلەن سېسترا كا ياۋ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار/بالىلار ئېغىر كېسەللەر بىمارلىرىنى كۆزىتىش ئۆيىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرماقتا (4-ئاينىڭ 12-كۈنى فوتوسى).

  دەريا ۋادىسىغا رەت-رەت تىزىلغان ۋە رەڭلىرى ئوچۇق ئۇ زاڭزۇچە ئىمارەتلەر، قاتار ۋە توغرىسىغا كەتكەن تاشيوللار پۈتۈن شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھازىرقى زامان ئېگىز تاغ تاماشا تەكچىسىدىن نەزەر سالسىڭىز، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۈشۇ كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

  سەككىز يىل ئىلگىرى ئېگىزلىكتىكى بۇ شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان ئىدى. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم قولىنى سۇنۇش ئەنئەنىسى ئەلمىساقتىن ئادەتكە ئايلانغان. سەككىز يىلدىن بۇيان، يۈشۇنىڭ داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسىدە ھالقىما تەرەققىيات نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2016- يىلى 8- ئايدا يېڭى بىر تۈركۈم بېيجىڭ ياردەم بېرىش ئەترىتى يۈشۇ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا ئۆزگەرتىش قىلىپ، ئىلگىرىكى داۋالاش تېخنىكىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئىشىنى دوختۇرخانا ئاپپارات ئىسلاھاتىغا قاراتتى. بۇ تەدبىر دوختۇرخانىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىك مەسىلىلىرىنى تۈپتىن ھەل قىلدى. بۇ خىل ئىسلاھات ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، داۋالاش قوشۇنىنىڭ خىزمەت قىياپىتى يېڭى تۈس ئالدى. (جاۋ يۈخې فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ