خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى 17- چېسلا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مۇنداق دېدى: «پەرىشتە سەپىرى- ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ‹بىر بەلباغ بىر يول› پىلانى»غا ئاساسەن، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2- تۈركۈمدىكى 25 نەپەر ئافغانىستانلىق بالا جۇڭگوغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلىدۇ.
جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋە ئافغانىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى شۇ كۈنى كابۇلدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ يېقىندىن بېرى مەزكۇر دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قايتا تەكشۈرگەنلىك ۋە قۇتقۇزغانلىق ئەھۋالىنى تاراتقۇلارغا ئۇقتۇردى.
بۇ قېتىمقى چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى سۈن شوپېڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: داۋالاش ئەترىتىمىز ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە 2017- يىلى تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگوغا ئېلىپ بېرىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان 21 نەپەر بالىنى، يەنى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 21 نەپەر ئافغانىستانلىق بالىنى مەركەزلىك ھالدا قايتا تەكشۈردى، شۇنداقلا، ئافغانىستاندىن جۇڭگوغا ئېلىپ بېرىلغان 150 نەپەر بىمارنى تاللاپ تەكشۈردى. داۋالاش ئەترىتىمىز بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر-خەتەرلىك كېسەللەرگە ۋە نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان 25 نەپەر بالىنى جۇڭگوغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاش پىلانىنى بېكىتتى. شۈن شوپېڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇ جەھەتتىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ، ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېلىنىدىغان بىمارلارغا بىرلەشمە دىياگنوز قويىدۇ ۋە ئۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى