4-ئاينىڭ 17- كۈنى، بومباردىر شىركىتى دۆلەت ئىشلىرى خاس ئايروپىلانىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا بۇ خىل ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى خاس ئايروپىلانلىرىنىڭ 7- نۆۋەتلىك ئاسىيا ئاۋىياتسىيە يىغىنى ۋە كۆرگەزمىسى شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا ئايروپورتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى خاس ئايروپىلانلىرى بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە دۇنيادىكى 170 نەچچە ئىشتىراكچى سودىگەرنىڭ ئۆز ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، پورشېنلىق ئايروپىلانلار، چاقپەلەكلىك ئايروپىلانلار، رېئاكتىپ مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلانلار ۋە ھەر خىل تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مۇشۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن فېي فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى