باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنى جازالىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشقا ھەر ۋاقىت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشقا تەييار تۇرىمىز

2018.04.18 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 17- ئاپرېل تەكلىپكە بىنائەن سۆزلىگەن سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرىغا قارىتا تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى ئۈستىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدايمىز.

  ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 16- ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىدىن پەخەس بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلىدۇ، دېيىلگەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل تۈردە جۇڭگو كارخانىلىرىدىن شۇنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز، يەنى جۇڭگو كارخانىلىرى چەت ئەللەردە تىجارەت قىلغاندا، ساھىبخان دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلىشى ۋە تىجارەتلەرنى قانۇنلۇق ۋە قائىدىلىك يوسۇندا قانات يايدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. جۇڭشىڭ شىركىتى ئامېرىكىدىكى نەچچە يۈز كارخانا بىلەن كەڭ كۆلەملىك سودا ئىشلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامېرىكىنى تۈمەنلىگەن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقايسى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل ۋە مۇقىم بولغان قانۇنىي ۋە سىياسىي مۇھىت يارىتىپ بەرگەي.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېدى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر