باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى ئۈستىدە 9- نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

2018.04.18 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17- ئاپرېلدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى ئۈستىدىكى 9- نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىش يىغىنى 4- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ سېندايدا ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىندى. بۇ يىغىنغا ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، دېڭىز ئۈستىدە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلىرىدىن كەلگەن خادىملىرى قاتنىشىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىش مېخانىزمى بولسا، ئىككى تەرەپ دېڭىزلىرىغا چېتىشلىق ئىشلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالاقىلىشىش ۋە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بۇ قېتىملىق كېڭىشىشتە، دېڭىز ئىشىلىرى ئۈستىدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر