باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۆت بوۋاقلار– بالىلار سۈت پاراشوكى كارخانىسىدا نۇقسان بارلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.04.19 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 18-ئاپرىل بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، چۆچاۋ، مېيزەنچېن، فېيخې، مېليۇ قاتارلىق تۆت بوۋاقلار–بالىلار سۈت پاراشوكى كارخانىسىدا نۇقسان بارلىقى بايقالدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇاڭچېڭ چۆچاۋ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، مېيزەنچېن ئوزۇقلۇق ماددىلار (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى شەرتىنى ساقلاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقسان بار ئىكەن؛ فېيخې (گەننەن) سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقسان بار ئىكەن؛ مېليۇ بىيو تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئالتە چوڭ نۇقسان ساقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ئىسكىلاتىغا ياخشى بولغان شامال ئۆتۈشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر