باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئۆمىكى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى

2018.04.19 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە رىيوچى تىنچلىق مالىيە گۇرۇھى 17-ئاپرىل توكيودا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئۆمىكىنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتى رىيوچى تىنچلىق مالىيە گۇرۇھى، رىيوچى ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇق فوندى بىلەن جۇڭگو خەلقئارا ئىستراتېگىيەسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاقىسى تۈرىنىڭ بىر قىسمى. 2001-يىلى بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 130گە يېقىن ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ۋە 200دىن ئارتۇق جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئۆزئارا زىيارەت قىلدى. بىراق، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش پائالىيىتى 2012-يىلىدىن كېيىن توختاپ قالدى.

  رىيوچى تىنچلىق مالىيە گۇرۇھىنىڭ پەخرىي باشلىقى، ياپونىيە مالىيە گۇرۇھىنىڭ باشلىقى رىيوچى ساساكاۋا تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئالتە يىلدىن كېيىن بۇ مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاقىسى تۈرىنى قايتا قوزغىتىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭغا ئىككى تەرەپنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پائال ئىلگىرى سۈرۈشى سەۋەبچى بولدى. بۇ قېتىمقى مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاقىسى ئارقىلىق ياپۇنىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئىللىقلىقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ھەمدە بۇنداق ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە كېڭەيتىش لازىم.

  بۇ قېتىمقى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئۆمىكى 25 ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى 15-ئاپرىل ياپونىيەگە يېتىپ بارغان، سەككىز كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارەت جەريانىدا يەنە پارلامېنت كېڭەشخانىسى، قوغدىنىش ئەترىتى بازىسى، ھەربىي مەكتەپ قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ ھەمدە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېرلىرى، شۇ جايدىكى كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر