باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاپتۇللۇق باغدىكى بەخت كۈلكىسى

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن

2018.04.20 10:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى چىسېرىق كەنتىدىكى «سەھرا» باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شاپتۇللۇق باغ سەيلىگاھىدا 3- ئاينىڭ 29- كۈنى پەرۋىش ئەمگىكى قىزىپ كەتكەنىدى. بۇ يەردە ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچىلار كوپىراتىپ مەسئۇلى ئابلىز ئەۋەل ۋە باشقا باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شاپتۇللۇق باغدىكى كۆچەتلەرنى چاتاش، رەتلەش، بوش يەرلەرگە تولۇقلاپ شاپتۇل، توغاچ كۆچىتى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدە ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ شادلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  چىسېرىق كەنتىدىكى مەريەمگۈل نۇر نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشىنى 3.5 مو تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ قامدايتتى. ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئېرى مېيىپ، بالىلىرى كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراشقا توغرا كېلىپ، نەچچە قېتىملىق سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۈرسىتىدىن ۋاز كەچكەنىدى. چىسېرىق كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «سەھرا» باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلىنىش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوپىراتىپ قارمىقىدىكى شاپتۇللۇق باغ سەيلىگاھىنىڭ ئايدا 2000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان ئاساسلىق ئىشچىسىغا ئايلاندى. مەريەمگۈل نۇر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا: دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەتكار بولۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، دېدى. ھازىر پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ناھايىتى ياخشى. شۇڭا، ئىشىك ئالدىمدىلا توختاملىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ خاتىرجەم ئىشلەۋاتىمەن. ئەمدى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.

  «سەھرا» باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلىز ئەۋەل مۇنداق دېدى: كوپىراتىپىمىز بىنا قىلغان بۇ شاپتۇللۇق باغنىڭ كۆلىمى 200 مو. بۇ يەر ئالتە يىل ئىلگىرى قاقاسلىق ئىدى، ھۆددىگە ئېلىپ ئۆزگەرتىپ، سورتلۇق شاپتۇل، توغاچ كۆچەتلىرىنى تىكىپ ئۆستۈرۈپ، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەتچىلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك سەيلىگاھ بەرپا قىلدۇق. بۇلتۇر جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن 10 مىڭ ئادەم (قېتىم) كۈتۈۋالدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن كوپىراتىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى يۈكسەلدى، كەنتتىكى 49 نامرات ئائىلىدىن 49 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىمىز بار.

  ئىگىلىشىمچە، يوپۇغا ناھىيەسى پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش تىپىدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىپ، يېزا- بازار، كەنتلەردە باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىكنى ئاساس قىلغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن قۇرغان. ھازىر ئىشىك ئالدىدىلا 1200دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر