4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى - 6K بەلگىلىك ئايروپىلانى قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى «ئارالنى ئايلىنىپ چارلاش» ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 21-ئاپرېل دۆلەت ئىچى-سىرتىغا كۆپ تىللىق تەشۋىقات فىلىمى «جەڭ ئىلاھىنىڭ ئارالنى ئايلىنىش يېڭى ئۇچۇش ئىزى»نى تارقاتتى. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جەڭ ئىلاھى بومباردىمانچى - 6K بەلگىلىك ئايروپىلانى قاتارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىندا ئۇدا ئۈچ كۈن «ئارالنى ئايلىنىپ چارلاش»تەك قەلبنى تىترىتىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بۇ تەشۋىقات فىلىمىدە مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى