خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى - 6K قاتارلىق كۆپ تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دېڭىزغا يۈزلەنگەن ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇردى.
شۇ كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بومباردىمانچى ئايروپىلان، رازۋېدكا ئايروپىلانى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ سەپ تۈزۈپ «ئارالنى ئايلىنىپ چارلاپ»، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى