باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2018.04.23 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن خېتى

  تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە زاتلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

  بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  2000 – يىلى فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمدا، رەقەملىك فۇجيەن قۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، فۇجيەن كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىغا ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئارقىلىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش يىغىنى «ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ۋە رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى تەسىراتى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ، بۇ جەزمەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەتكە، خەلققە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر