باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇلار ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى»

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راخمان

2018.04.20 10:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇچا ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 291 خىزمەت ئەترىتىدىكى 1365 كادىر پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىز بېشىغا بېرىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارغا سىياسەت، تېخنىكا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە پەرۋىش ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشى بىلەن بۇ ناھىيەدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار، كەنتتىكى پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئائىلىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، دېھقانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى، بولۇپمۇ ياشانغانلار، مېيىپلەر، ئەمگەكچىسى يوق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا نۇقتىلىق ياردەم بەردى. ئۇزۇن بازىرىنىڭ بوقىچى كەنتىدە ياڭاقلىق باغلاردىكى كۆچەتلەرنى ئوغۇتلاش، چاتاش ئەمگىكى قىزىپ كەتكەنىدى. ئەمگەك مەيدانىدا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە مەكتىپىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بوقىچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. ئۇلار دېھقانلارنىڭ ياڭاق كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بوقىچى كەنتىنىڭ 2- گۇرۇپپىسىدىكى تۇردى ئاق مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئەنە شۇ تەلەپتىكىدەك كادىرلاردۇر. ئۇلار ئائىلىمىزنىڭ دائىملىق ئەزاسى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلار ھاردىم- تالدىم دېمەي، ئېتىز- باغلىرىمىزدا بىزگە ياردەملىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىز ئۇلاردىن بەك رازى.

  ناھىيەلىك ئوتلاق نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قوشئاۋات بازىرىنىڭ چۆلئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوشماق» تۇغقانلىرىنىڭ «ئائىلە ئەزاسى بولۇش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئۇلار ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ، دېھقانلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، دېھقانلار سورىغان سىياسەت، تېخنىكىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەردى ۋە دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا ياردەملەشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مېھىر- شەپقەت ئاتا قىلىش» مەزمۇن قىلىنغان ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 350 مىڭ يۈەن قىممىتىدە گۈرۈچ، ياغ، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، يالتىراق يوپۇق ئېلىپ بەردى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار يەنە 200دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تايانچىسى ۋە تېرىقچىلىق ماھىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئاممىغا مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، پارنىك تېرىقچىلىقى قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، كۈزگى بۇغدايلارنى ئەتىيازلىق ئوغۇتلاش، ساختا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش بويىچە دېھقانلارنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى. ئۇلار «دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى» ۋە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر