باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپى ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.04.20 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپى ئىسلاھات لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە: «مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپى خىزمىتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ياشلار ئاممىۋى خىزمىتى ئۈچۈن تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتەك مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، دەپ تەكىتلەندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى، ئىتتىپاق مەكتىپى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-يىغىنىدا «لايىھە» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  «لايىھە»دە مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ئومۇمىيىتى مەۋقە قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى ساھەسىدىكى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە سىياسىي مەكتىپىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ تۇرغۇنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن ئايرىۋېتىش، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سىياسىي تەربىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار ئاممىۋى خىزمىتى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى ئىختىساسلىقلار، ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر