باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان 171 كەنت ياچېيكا شۇجىسى، كەنت مۇدىرى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ۋەزىپە جىنايىتى تۈپەيلىدىن سوتلاندى

2018.04.20 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 19-ئاپرىل يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شەھەر بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ۋەزىپە جىنايىتى ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى سوتلاش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، چۇڭچىڭدا جەمئىي 171 كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت مۇدىرى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ۋەزىپە جىنايىتى بىلەن سوتلانغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2016-يىلى 1- ئايدىن 2017-يىلى 12- ئايغىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ۋەزىپە جىنايىتى دېلولىرى 249 قېتىم، جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى 361 بولۇپ، سوت قىلىنغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنىڭ سانى ۋە جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى سانىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %23تى ۋە %27.1نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ %90تىن كۆپرەكى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار ياكى كادىرلار ئىكەن. جىنايەت تىپىدىن قارىغاندا، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش دېلولىرى ئومۇمىي دېلو سانىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن، يەنە بىر قىسىم جىنايەت سادىر قىلغانلار يەنە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەخسۇس فوند تارقىتىش، يېزىلاردا يەر ئىشلىتىش، ئۇل قۇرۇلۇشى، يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئاساسىي ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلار يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەر بولۇپ، نۇرغۇن جاۋابكار بىرنەچچە ساھەدىكى مەبلەغگە دەخلى-تەرۇز قىلغان. ئورتاق جىنايەت دېلولىرى ئومۇمىي ساننىڭ %57.3ىنى ئىگىلىگەن، توپلاشقان جىنايەت، تۇتاش جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى گەۋدىلىك بولغان، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە چىرىكلىشىش دېلولىرى كۆپ يۈز بەرگەن. بەزى جاۋابكارلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قىسىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يېنىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك «چىۋىن پارىخور»لاردىن بولۇپ قالغان.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق چىرىكلىك جىنايىتىگە قارىتا، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى قاتتىق جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىدى. جازا ئۆلچەش جەھەتتە جازا كېچىكتۈرۈشنى تەتبىقلاشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كۈچكە ئىگە ھۆكۈملەر ئىچىدە جەمئىي 246 كىشى ئەمەلىي جازا بويىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، جازانى كېچىكتۈرۈش نىسبىتى ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىدىن تۆۋەن بولدى. ئۇندىن باشقا، قاراپ چىقىش جەريانىدا ھارام پۇل-مالنى قايتۇرۇۋېلىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئەركىنلىك جازاسى بىلەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى تەڭ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، 55 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھارام پۇل قايتۇرۇۋېلىندى، 30 مىليون يۈەندىن كۆپ جەرىمانە جايىدا ئىجرا قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر