باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بۇ يىل ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»كە 26 مىڭ ئىستۇدېنت قوبۇل قىلىدۇ

2018.04.20 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىمچە، دۆلەت بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 26 مىڭ ئىستۇدېنتنى ئاساسىي قاتلامغا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا داۋاملىق تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن تېخىمۇ كۆپ ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەيدىكەن ۋە ئىلھاملاندۇرىدىكەن.

  بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى مەخسۇس «2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ <ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش> پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، ساھەنى ئەلالاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئاشۇرۇش، كاپالەتنى كۈچەيتىش» ئاساسىي تەسەۋۋۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. جايلار مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىش ئورنىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تاللاپ قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشكارا، باراۋەر، رىقابەتلىشىش، ياخشىلىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. يېتىشتۈرۈپ ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىپ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۈندىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاسراپ، مۇلازىمەت-كاپالەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىمكانقەدەر تېزراق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا قوبۇل قىلىش پىلانى، مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغى ۋە مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى نامرات رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا مايىللاشتۇرۇش بېكىتىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا جايلارنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىمكانقەدەر تېزدىن باشلاپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاللاپ قوبۇل قىلىشنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى تەكىتلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر