باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىلىك مەبلەغ سېلىش گۇروھى شىركىتىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، باش دىرېكتورى ياۋ دىمىڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلماقتا

2018.04.20 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى 19-ئاپرىل چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جياڭشى ئۆلكىلىك مەبلەغ سېلىش گۇروھى شىركىتىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، باش دىرېكتورى ياۋ دىمىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋېزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ياۋ دىمىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىن، 1955-يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان. جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ياۋ دىمىڭ 2010-يىلى 11-ئايدىن 2017-يىلى 12-ئايغىچە جياڭشى ئۆلكىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتورى بولغان. 2017-يىلى 12- ئايدا، 2016-يىلىدىكى «24-نويابىر فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سوۋۇتۇش مۇنارى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى»دە ئاساسىي رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار بولغانلىقتىن، جياڭشى ئۆلكىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسىلىق، باش دىرېكتورىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر