باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق مەركەز قىلىنغان دەۋر خىتابىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى سۈن شياۋبىڭ

2018.04.20 10:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇش باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پۇختا ئىگىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خىسلىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جان- دىلى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغانلىقى نامايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسىدۇر.

  خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمغا بولغان يۈكسەك ئېتىقادىنى نامايان قىلدى

  ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ شانلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تارىخ قارىشىدا: خەلق تارىخنى ياراتقۇچى، تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەل قىلغۇچ كۈچ، دەپ قارىلىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلنى خۇلاسىلىگىنىمىزدە، دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقنىڭ، خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى. ھازىر بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق بارلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۇق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بارلىق خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قوزغاپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق. يېڭى دەۋردە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېتىقادتا مەڭگۈ تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشتە خەلققە زىچ تايىنىش ۋە خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ، بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمغا بولغان يۈكسەك ئېتىقادىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىزدۇر.

  خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشىنى نامايان قىلدى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، دەپ كۆرسىتىلدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مەنبەسى دەل بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىمىزدە، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىياقىمىزدا ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىزدىدۇر. ھازىر بىز مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئەمەلىي كۈچكە ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولدۇق، بۇ، مىللەتنىڭ، مۇھىمى، خەلقنىڭ ئارزۇسىدۇر. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماسلىق روھىي ھالىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئامما بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە بارلىق خەلقنى تېخىمۇ زور بەختكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش − پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىدۇر

  يولداش ماۋ زېدۇڭ: ھەرقانداق قۇرۇق گەپ ئەسقاتمايدۇ، جەزمەن خەلقنى نەپ ئالالايدىغان ماددىي پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دېگەن. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ھەمبەھرە بولۇشتەك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، خۇددى زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغاندەك، بەش يىلدىن بۇيان، بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بۇ، تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلەندى: خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى سىجىل ئاشۇرۇلدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، شەھەر- بازارلاردىكى 66 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نامرات ئاھالە 68 مىليوندىن ئارتۇق ئازايدى؛ 8 مىليون 300 مىڭ كىشى كۆچۈرۈلۈپ يۆلەندى؛ يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 80 مىليوندىن كۆپ ئاھالە شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندى؛ كەپە ئۆي رايونلىرىدا 26 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردىكى 17 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى، نەچچە يۈز مىليون كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى... بۇ سانلىق مەلۇماتلار مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ بەختى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن، ھەر بىر سانلىق مەلۇماتتا خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كونكرېت ئىپادىلەنگەن. پارتىيەمىزنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى تېخىمۇ تولۇق ئىپادىلىدى. مەسىلەن: شەخسلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈش؛ ئېقىم مىقدارى «كەزمە مۇلازىمەت ھەققى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققىنى يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىش؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىش؛ ئاپتوموبىل، قىسمەن كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن بېرىلىدىغان كىشى بېشى تولۇقلىما ئۆلچىمىنى يەنە 40 يۈەن ئاشۇرۇش؛ كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ بېجىنى يەنە 800 مىليارد يۈەندىن كۆپ ئازايتىش؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئازايتىش؛ بۇ يىل يەنە 13 مىليون ئاھالىنى شەھەر نوپۇسىغا كىرگۈزۈش... خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ «كاتتا سوۋغىلار»دا خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئاممىغا رىشتە باغلاش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئىخچام تەسۋىرلەپ بېرىلدى، بۇ جەزمەن خەلقنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر