4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن كۇبا 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىدا، رائۇل كاسترو دىياس كارنېلنىڭ سول قولىنى ئېگىز كۆتۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۇبا 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيى 19-چېسلا دىياس كارنېلنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
4-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۇبا 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 604 ۋەكىل يوشۇرۇن ئاۋاز بەردى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى دىياس كارنېل 603 بېلەتكە ئېرىشىپ، رەسمىي ھالدا رائول كاستىرونىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كۇبانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبىرى بولۇپ سايلاندى.
كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى. كۇبادا بەش يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى