باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەننى پارچىلايدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇقىيات ئۆتەي

2018.04.20 10:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل، بەختىيار يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقماقتا. بۇ گۈزەل كارتىنىلار جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئەمەلگە ئاشتى، بۇ ھەم ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلغاندا، شىنجاڭدا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  لېكىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئالدىدا، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، بىزنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانىمىز يوق. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى باشتىن- ئاخىر قىزغىن سۆيۈپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشىمەن؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

  مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان «ئاپەت». ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، 56 مىللەت ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغان. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەر بىر جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھەر ۋاقىت قەلبىمىزگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز؛ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتچىسى بولۇشىمىز كېرەك.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان مەنىۋى «زەھەر»، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى بۇزىدىغان «زەھەرلىك ئۆسمە» بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بىز «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە «جۇڭگو ئارزۇسى» ئاساسىي مىلودىيەسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە بازار قالدۇرماي، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز يېڭى تارىخىي دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقاتمىغۇچە، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس، زىچ باغلانغان! بىز يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر