باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى سىياسىيشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت جۇ خۇي

2018.04.20 10:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: پارتىيە ئىچىدىكى ئىجابىي، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۈز- خاتىر قىلماي جازالاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش شەرت، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يەنە: ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش − بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ سىياسىي تەلىپى، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، كەيپىياتنى توغرىلىشىمىز، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلىشىمىز ئۈچۈن زور ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلدى.

  ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش − پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ سىياسىي تەلىپى. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزگە بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش − ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدىن 20- قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشانغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدۇر. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلى شەكىللىنىدىغان تۇپراق، «ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش» ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ، ئۆزىمىزدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە ئۇسۇلى. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، بوشاشماي، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنىڭ ھەيۋەتلىك سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش − «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت» دېگەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق سەپەرۋەرنامە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. بىز بىرىنچىدىن، «نېمىنى سوقۇش كېرەك» دېگەننى چۈشىنىشىمىز كېرەك، بۇ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، «كىم سوقىدۇ» دېگەننى چۈشىنىشىمىز كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە يېتەكچىلىك قىلىشى تۆمۈر سوقۇشنىڭ سۇبيېكتى؛ ئۈچىنچىدىن، «تۆمۈر سوقۇشقا جۈرئەت قىلىش- قىلماسلىق»نى چۈشىنىشىمىز كېرەك، بۇ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، «تۆمۈرنى قانداق سوقۇش كېرەك» دېگەننى چۈشىنىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تۆمۈر سوقىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر؛ بەشىنچىدىن، «تۆمۈرنى ياخشى سوقۇش- سوقالماسلىق»نى چۈشىنىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدا «تۆت خەۋپ»نى تۈگىتىپ، پارتىيەنى مەنىۋى، ئىقتىدار، ئىستىل، پاكلىق جەھەتتىكى سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ چىقىش زۆرۈر؛ ئالتىنچىدىن، «تۆمۈرنى سوقۇپ قانداق ھالەتكە كەلتۈرۈش»نى چۈشىنىشىمىز كېرەك، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ، قەتئىي، كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «تۆت خەۋپ»نى تۈگىتىپ، ئۆزىمىزنى مەنىۋى، ئىقتىدار، ئىستىل، پاكلىق جەھەتتىكى سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ تاۋلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش − «جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش» نىشانىغا يېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئىختىساسلىقلار − مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق. ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز قۇرۇش لازىم. ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇپ چىقالايدىغان، ھەممە ئادەم ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇش، ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى «ھەر يەر- ھەر يەرلەردىكى ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەرگە مايىللىشىش»تىن ئىبارەت ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ، جەمئىيەتتە «ھەممە ئادەم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەيدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز ئورنىنى تاپقان، ئىناق ئۆتىدىغان» ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات ياخشى بولغان ئادەم ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىپ، «جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش» نىشانىغا يېتىشىمىز كېرەك.

  ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىش − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر ماھىيىتى ۋە مەنىۋى مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىناقلىق- مۇقىملىق، ئىسلاھات- تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتى، چېگرانى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر