باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا سۈركىلىشىگە ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

«ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز»

2018.04.20 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سودا مىنىستىرلىقى 19 -ئاپرېل ئۆتكۈزگەن دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان 100 مىليارد دوللارلىق تاۋار بېجى ئېلىش تىزىملىكى»توغرىسىدا سورالغان سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىر تەرەپلىملىك ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسى چىڭ. سودا ئۇرۇشى ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ قالالمايدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئاددىي ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو- ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، ئەمما بىز ھەرقانداق ئېھتىماللىقلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ قويغانلىقىمىزنىمۇ ئېيتىپ قويدۇق، ئەگەر ئامېرىكا خاتا يولىدا مېڭىۋېرىدىغان بولسا، بىز ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىمىز.»

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر