باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەخسۇس پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تائابىئاتلىرى قاتارلىق تۆت خىل كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ

2018.04.20 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى «دۆلەت ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تېمىسىدىكى مەخسۇس پائالىيەتنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئەرزىنى تەپتىشلەش نازارىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەپتىش مەھكىمىسى ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەم سىياسىي مەسئۇلىيەت، ھەم قانۇن يۈرگۈزۈش مەجبۇرىيىتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى مەقسەت: تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەريانىدا قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. مەخسۇس پائالىيەتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلا ئەرزىنى تەپتىشلەش نازارىتى «پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىدا <دۆلەت ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش> مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى) نى مەخسۇس تۈزۈپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەخسۇس پائالىيەتتە «دۆلەت ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى)» بويىچە، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم نامراتلار، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تائابىئاتلىرى، قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلەر قاتارلىق تۆت خىل كىشىلەر توپىنى نۇقتىلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پائال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر