باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.04.20 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە 19-ئاپرېل ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش ۋەزىر خانىم بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئەمەلىيلىكى، دۇنياۋىلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە ماكرو سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشى ۋە مېخانىزملىق ئالاقىسىنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ سۈپىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  تېرېسا مېي مۇنداق دېدى: يىل بېشىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغىنىمدا ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى «ئالتۇن دەۋرى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم قارار قىلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. ئەنگلىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ «شاڭخەي-لوندون ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش»نى روياپقا چىقارماقچى بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر