باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائول كاستىرو بىلەن كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىياس كارنېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ رەئىس دىياس كارنېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.04.20 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئاپرېل كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائول كاستىرو بىلەن كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىياس كارنېلغا ئايرىم-ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كۇبانىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبا سەمىمىي ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ياخشى يولداش، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، قالتىس كۈرەشلەرنى قىلىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك تۈرتكىگە ئىگە قىلغان. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۇبا تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو كۇبا بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىمەن، 1-شۇجى رائول كاستىرو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. رەئىس دىياس كارنېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە خاس جۇڭگو-كۇبا دوستلۇقىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ رەئىس دىياس كارنېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، رەئىس دىئال كارنېلنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ كۇبا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر