باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، توركۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.04.23 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 20-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۇچۇر ساھەسىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تور ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئارمىيە–خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىنى خەلقئارالىق ئىدارە قىلىش جەريانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە تور بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەم ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم قارارلارنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ تور ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىرى، تور ئۇچۇر خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە تور ئىدارە قىلىش يولىنى ئېچىپلا قالماي، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر