باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى

بۇ يىل تەستىقلانغان ياردەم پۇلى 727مىڭ 920 يۈەنگە يەتتى

2018.04.23 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى يېقىندا ئۆستۈرۈلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۆلچەمگە، يەنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى 2017- يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 36 مىڭ 396 يۈەن بولۇشىدەك ئۆلچەمگە ئاساسەن، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2018- يىلى تەستىقلانغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى 727 مىڭ 920 يۈەنگە يەتتى. بۇ ئۆلچەم مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىدۇ، رايونلارغا قاراپ ئايرىلمايدۇ، نوپۇس ئايرىمىسى بولمايدۇ، ھەمدە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدۇ.

  ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى دېگەندە، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ھەمدە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجرىتىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنىغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق تۆلىمى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مۇھىم تۇرمۇش مەنبەسىدىن مەھرۇم قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ بەزىسىنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشتەك مۇشۇنداق ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۈچۈن بۇ خىل زىياننى تۆلەپ بېرىش كېرەك. «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» ۋە «ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»غا ئاساسەن، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ئالدىنقى يىللىق مەملىكەتلىك ئۆلچەم بويىچە، يەنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ. 2017- يىلى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 36 مىڭ 396 يۈەنگە يەتكەن. شۇڭا، 2018 - يىلى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى 727920 = 20 × 36396يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مىقدار 2017- يىلىدىكىدىن 55 مىڭ 600 يۈەن كۆپەيدى.

  ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بەرمىگەن بولسا، ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن ئەمگەكچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆلەم پۇلنى، يەنى ئىش ئۈستىدە ئۈلۈش ياردەم پۇلى تۆلىمىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2018-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان بۇ بىر يىل مەزگىلىدە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلەرگە قارىتا، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى تەڭشىلىپ، 727 مىڭ 920 يۈەن بويىچە بېرىلىدۇ. 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۆلچەم تەڭشەلگەندىن بۇرۇنقى بۇ مەزگىلدە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ھەمدە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش ھادىسىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغانلارغا بۇ يېڭى ئۆلچەم بويىچە پەرق پۇلى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر