باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى »توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى

مىڭ يىللىق بۈيۈك پىلان تۈزۈلۈپ، دۆلەتنىڭ زور ئىشى بىر-بىرلەپ ئىشلەندى

2018.04.23 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەستىقتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى تەسىس قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى، شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەملىكەت بويىچە ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى رايون، مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان، دۆلەتنىڭ زور ئىشى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلىدىغان تارىخىي مىراس، «تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس»، دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، تەرەققىيات رىتىمىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، مۇستەھكەم، پۇختا جەڭ قىلىپ، ئىشقا ئىشنى ئۇلاپ ئىشلەپ، ياخشى پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «شيۇڭئەن يىرىك پىلان پروگراممىسى» شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشنىڭ ئاساسى، پىلاننىڭ قەتئىيلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، ھەر قانداق تارماق ۋە شەخسنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر