باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قازاقىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2018.04.23 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئاپرېل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1–مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇختار بېسكېنۇرېي تىرېئۇبېرج بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو–قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش نەتىجىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسى، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى شارائىتلار ھازىرلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادى تېز ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق ھەم مۇقىم بولدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئۆزگىچە رول ئويناۋاتىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ يەنىلا قازاقىستان بىلەن ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  تىرېئۇبېرج مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 26 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي، ھەمدە سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. قازاقىستان ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سودا ۋە سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن چېگراداش بولغان ئالمائاتا ئوبلاستى ۋە شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا–سانائەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا سودا ۋە سېلىنما سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، جاڭ چۈنلىن، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاخرات نۇريشېف كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر