بۇ 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان «ئوپتىكىلىق فوكۇس نۇقتىسىدىن ئايرىلىش» كۆزەينەك
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆز كېسەللىكلىرى كۆرۈش سېزىمى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دۇ سىخې باشچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كونترول قىلىدىغان «ئوپتىكىلىق فوكۇس نۇقتىسىدىن ئايرىلىش» كۆزەينىكىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ كۆزەينەك بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىكەن. يېقىندا بۇ كەشپىيات 46- نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كەشپىيات كۆرگەزمىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى