خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى 4- ئاينىڭ 20-كۈنى چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى نەق مەيدانى.
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 20- ئاپرېل ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، 2018- يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنى قويۇپ بېرىش سىنىقىنى توختىتىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى