باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %6.8 بولدى

دۇنيا سودا ئۇرۇشىنىڭ جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىگە قايىل بولدى

2018.04.23 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى «توقمىقى»نى ئېگىز كۆتۈرگەن شارائىتتا جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى تەشۋىشلەنگەن دۇنيانىڭ كۆڭلىنى تىنجىتتى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى بىردەك: سودا ئۇرۇشى جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى، دېيىشتى. پۈتۈن دۇنيا «جۇڭگو سۈرئىتى»گە بارىكاللا ئېيتتى. دۇنيادىكى بۇ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە مۇقىملىقى دۇنيا ئىقتىسادىغا تولۇپ تاشقان ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى.

  ياخشى باشلىنىش بولدى

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-ئاپرېل جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق ئىگىلىكىدە ياخشى باشلىنىش بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا مەدەت بېرىدىغان پايدىلىق شارائىتلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالغان.ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقى بىلەن ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ «جۇڭگو ئىقتىسادىدا بۇ يىل ياخشى باشلىنىش بولدى» دېگەن بىردەك ھۆكۈمى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. خەۋەردە جۇڭگو دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار دەلىل كەلتۈرۈلدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) بۇلتۇرقىدىن %6.8، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %1.4 ئاشقان. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ماختاپ، ئۇنىڭ كۆزلىمىدىن ياخشى بولغانلىقى دۇنيادىكى بۇ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئىپادىلىدى، دېدى.شىۋېتسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس روبېرت بېرگكۋىستمۇ تىۋىتتېردا «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ماختىدى: 2018-يىلى جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.8 بولۇپتۇ، بۇ كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىملىقى كىشىنى بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇرىدۇ.

  ئامېرىكا CNBC تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ 2018-يىلى 1- پەسىللىك GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.8كە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئۈچ پەسىل %6.8كە يەتتى. جۇڭگونىڭ 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى دۇنيادىكى بۇ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  سىرت ئىلگىرى جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى، لېكىن 17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بۇ ئەندىشىنى يوقاتتى. «ۋال ئىسترېت كوچىسى گېزىتى» مۇنداق باھا بەردى: ئېكسپورتنىڭ كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇشى ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە پارچە سېتىش سوممىسى ۋە سانائەت قوشۇلما قىممىتى جۇڭگو ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى، شۇ پەسىلدىكى مۇقىم ئىقتىسادىي ئىپادىدىن جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھازىرغىچە ئىنتايىن ئاز تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر