باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭدىكى شۆبە مەركىزىگە ۋىۋىسكا ئېسىلدى

2018.04.23 15:15   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭدىكى شۆبە مەركىزىگە ۋىۋىسكا ئېسىلدى

  دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شياڭيا 2- دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقات پەنلىرىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋپىڭ (سولدىن بىرىنچى) دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تارماق مەركىزىگە ۋىۋىسكا بەرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى شۆبە مەركىزى قۇرۇلدى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شياڭيا 2- دوختۇرخانىسى باشلامچى بولۇپ قۇرغان دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى ـــــ ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تارماق مەركىزى نۇقتىلىق ھالدا، نېرۋىسى ئىلىشىپ قېلىش كېسىلى، تەنھالىقنى خالاش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى، زەخىملەنگەندىن كېيىنكى سېزىم توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلى، ھاراق ۋە زەھەرگە خۇمارلىق كېسىلى قاتارلىق بەش تۈرلۈك روھىي كېسەللىكلەرنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا پەرق ئېتىش تېخنىكىسى، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسى، دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئارىلىشىش ۋە داۋالاش ئەندىزىسىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىلىشى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاكتىپ ھالدا دۆلەت پىسخىكىلىق روھىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى ( يەنى جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق شياڭيا 2- دوختۇرخانىسى) بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇندىن كېيىن رايون ھالقىغان مەخسۇس داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىش، يىراق مۇساپىلىك يوسۇندا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، (دىياگنوز قويۇش ۋە تەربىيەلەش جەھەتتىكى) تېلېمېدىتسىنا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە، تېخنىكىلىق خادىملارنى ئالدى بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…