- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭگوغا كېلىپ كېڭىشىشنى ئويلاشماقتا
2018.04.23 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 22-چېسلا سوئالغا بىنائەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخبارات تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن جۇڭگوغا كېلىپ كېڭىشىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر