خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، گېئىرمۇ-كورلا تۆمۈر يولى تېتىما كۆلى چوڭ كۆۋرۈكىدە رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.5 كىلومېتر كېلىدىغان چوڭ كۆۋرۈك تېتىما كۆلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريولىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى كېسىپ ئۆتۈش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول كۆۋرۈكى. پۈتۈن كۆۋرۈكنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تاماملىنىش مۆلچەرلەندى.
سۈرەتتە: جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تېتىما كۆلى كۆۋرۈكىدە رېلىس ياتقۇزماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى