باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرەيلى

2018.04.24 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ ئۆلكىسى 15 يىل ئىزچىل تىرىشىپ، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەن كۆپ قېتىم: يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى مەيلى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا بولسۇن، ياكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا بولسۇن ئوخشاشلا يولغا قويۇش كېرەك، ئەمما ئۆلچەمنى ئەھۋالغا قاراپ يۇقىرى، تۆۋەن بېكىتىشكە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدىم. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلماي، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  جېجياڭ ئۆلكىسى 2003-يىلى يولغا قويغان «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى جېجياڭنىڭ يېزا-كەنت قىياپىتى، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى جەمئىي 27 مىڭ ئىشتاتلىق كەنتتە كەنتلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، بۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىشتاتلىق كەنت ئومۇمىي سانىنىڭ %97ىنى ئىگىلەيدۇ؛ %74 دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھاجەتخانا، ئاشخانىلىرىدىن چىققان يۇندىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى؛ تۇرمۇش ئەخلىتى مەركەزلىك يىغىلىدىغان، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئىشتاتلىق كەنت تولۇق قاپلاندى، %41 ئىشتاتلىق كەنتتە تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر