باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋېي فېڭخې ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.04.23 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې 21-ئاپرىل بېيجىڭدا ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەزىزوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋېي فېڭخې مۇنداق دېدى: يىپەك يولى جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا شاھىت، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىككى دۆلەتنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ زىچ باغلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەزىزوف مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر