- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى
2018.04.25 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 24-ئاپرىل جۇڭنەنخەيدە، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىز «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تەمكىن، سەگەك بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، پاكىستان جۇڭگونىڭ ھەر مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق پاكىستاننى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.
ئاسىف مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئېرىشكەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى. بىز پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، پاكىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىيلىك بىلەن جۇڭگونى قوللايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر