باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز چاۋشيەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى جىددىي ئەۋەتتى

2018.04.24 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 23-ئاپرىل قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: 22-ئاپرىل كەچتە چاۋشيەن خۇاڭخەيدودا زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، جۇڭگولۇق 32 ساياھەتچى، چاۋشيەنلىك تۆت خىزمەتچى خادىمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جۇڭگولۇق ئىككى ساياھەتچى يارىلاندى، نۆۋەتتە يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك. 23-ئاپرىل چۈشتە، جۇڭگو خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ، چاۋشيەنگە جىددى ئەۋەتتى.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: بىز قازا قىلغان جۇڭگولۇق قېرىنداشلار ۋە چاۋشيەنلىك خادىملارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورايمىز.

  ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: 23-ئاپرىل چۈشتە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن چاۋشيەنگە جىددىي ئەۋەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ۋە جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: چاۋشيەن تەرەپ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار پائال ماسلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر