خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاۋيىگۇ، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاسۇزاكوۋ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى پ دۇشەنبېيېف، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوستېلگىلخان، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىرزو، ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەزىزوۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇۋېتوۋىچ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گىيوسوۋ، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەنخاۋرەن ھەم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان قاتارىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رافكوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى