باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئافغانىستاندىن كەلگەن 25 نەپەر بىمار بالا شىنجاڭدا داۋالىنىۋاتىدۇ

2018.04.24 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 25 نەپەر ئافغانىستانلىق بىمار بالىنىڭ 4- ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىشى باشلاندى. بۇ بالىلار بولسا، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەرىپدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى بىر پىلاننىڭ، يەنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ يىلقى داۋالاش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى بالىلار.

  بۇ 25 نەپەر ئافغانىستانلىق بىمار بالا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، 18- ئاپرېل كەچتە شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 19 ياش، ئەڭ كىچىكى ئىككى ياشتا ئىكەن. 19- ئاپرېل، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى بەش نەپەر داۋالاش مۇتەخەسسىسى يادرو قىلىنغان بىرلەشمە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، بۇ بىر تۈركۈم بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويدى.

  مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شاڭخەي بالىلار مېدىتسىنا مەركىزى يۈرەك-كۆكرەك تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەيبو ئۇدا ئىككى يىل داۋالاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى تاشقى كېسەللىكلەرنى ئاساس قىلغان ئىدى، بۇ يىل ئۇنىڭغا يەنە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە گەۋدە سىرتىدا ئايلىنىش خاراكتېرلىك سىستېمىلار كېسەللىكلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم بىمار بالىلاردا قان ئازلىق ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن، بەزىلىرىدە يەنە ئۆپكە ياللۇغى ۋە بەزگەك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق كېسەللەر ئۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشتىكى خەتەرنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشماقتا.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتى 2017- يىلى 8- ئايدا يولغا قويۇلغان ئىدى. شۇ چاغدا، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش-داۋالاش ئەترىتى ئافغانىستانغا بېرىپ شۇ جايدىكى ئېغىر تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرگەن ئىدى، ھەمدە 21 نەپەر بىمار بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگو شىنجاڭغا كەلتۈرۈپ ھەقسىز داۋالاشنى باشلىغان ئىدى. بۇ يىل 4- ئايدا، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش-داۋالاش ئەترىتى يەنە ئافغانىستانغا بېرىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەمدە «ئالدى بىلەن ئەڭ جىددىي ھالەتتىكى كىشلەرنى قۇتقۇزۇش» پىرىنسىپى بويىچە، 79 بىمار بالىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا تاللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر