خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۋاراج، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇراخمانوۋ، قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇئەردايېۋ، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف، تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسلوۋ، ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامىلوۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەلىموۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سېسۇيېۋلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزگىچە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ، كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندى. ئەزا دۆلەتلەر ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىللىق-ھەققانىيلىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە، مېخانىزم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرىكىدەكلا دىپلوماتىيە جەھەتتە ئالدىن تاللايدىغان يۆنىلىشنىڭ بىرى قىلىپ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز بىرىنچىدىن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، «شاڭخەي روھى»نى قەتئىي ئەۋج ئالدۇرىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي جەھەتتە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ لايىھەسى»نى تەقدىم قىلىشنى؛ خەۋپسىزلىك جەھەتتە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى، ماسلىشىش سەۋىيەسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى؛ ئىقتىساد جەھەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي قىلىشنى؛ خادىملارنىڭ باردى-كەلدى قىلىشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئەلرايىنىڭ باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى