باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى خىزمەت تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى

2018.04.24 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى خىزمەت تەربىيەلەش كۇرسى 23- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باتېر قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  باتېر مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭەش مىللەت - دىن خىزمىتى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىسى قىلىش كېرەك؛ خىزمەتلەرنى پائال تۈردە ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە مىللەت - دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەت - دىن ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ مىللەت - دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ خىزمەتلەردە كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىچىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش مۇددىتى بەش كۈن بولىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرىدىن 150 كىشى كۇرسقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر