- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بالىياتقۇ بوينى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى
2018.04.24 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»دىكى 2018 - يىللىق تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرگە جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۆلۈمى باشچىلىق قىلغان.
بۇ تۈرنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت پىلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا، توردا ۋە توردىن خالى ھالدا، دەرسخانا ئېچىپ سۆزلەش، ئايرىم تەربىيەلەش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىش ۋە ئاممىۋى ئېلان قويۇشنى قانات يايدۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، ساغلاملىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسى كېڭەيتىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر چوڭ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەردىن 60 شەھەرنى قاپلىماقچى ئىكەن، ھەمدە 20 مىليونچە جۇڭگو ئاياللىرى ۋە ئائىلىلەر بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر