باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 1-مايدىن باشلاپ راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 تۈرلۈك دورىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

2018.04.24 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، قىسمەن دورىلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  ئاغرىقلارنىڭ ئىمپورت دورىلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دورا بىلەن تەمىنلەشكە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە 28 تۈرلۈك دورىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن «ئەنگوڭ نيۇخۇاڭ» كۇمىلىچى قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدە دورىلىرى ۋە قىسمەن ئالكالوئىد تۈرىدىكى دورىلار قاتارلىق ئاز ساندىكى تۈرلەردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىمپورت دورىلىرى بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىمپورت قىلىنغان راكقا قارشى دورىلاردىن ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن. راكقا قارشى دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى يۈكىنىڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت مەركەزلىك سېتىۋېلىش، ئىمپورت يېڭىلىق يارىتىش دورىسى بولۇپمۇ راكقا قارشى دورىلارنى ۋاقتىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىپ بازارغا سېلىنىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، بۇ ئېلىمىزدىكى ئاغرىقلارنىڭ، بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ دورا ئىشلىتىش تاللىشىغا ئىگە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر