باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۋاراج بىلەن كۆرۈشتى

2018.04.24 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 23-ئاپرىل جۇڭنەنخەيدە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۋاراج بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى مودى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتتە بولىدۇ، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ ئستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشقا كېلىشىگە ئىشىنىمەن. جۇڭگودا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، نۆۋەتتە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان بىر قانچە مۇھىم تەدبىرى ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەرپا قىلىش. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغدىشىنى كۈتىدۇ ھەم شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۋاراج مۇنداق دېدى: ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتىگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەتتە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر