باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن بىرەسمىي ئۇچرىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2018.04.25 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇڭ شۈەنيۇۋ 24-ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  كۇڭ شۈەنيۇۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى مودى بىلەن 27-ئاپرېلدىن 28-ئاپرېلغىچە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بىرەسمىي ئۇچرىشىدىغان بولدى، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى ۋە پائال ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە نوپۇسى 1 مىلياردتىن ئاشىدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت. ھازىرقىدەك دۇنيا ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتقان، خەلقئارا كۈچلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىپ، تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچلەنگەن پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تايانچ كۈچ، شۇنداقلا ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىدىكى مۇھىم تىرەك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  كۇڭ شۈەنيۇۋ مۇنداق دېدى: ھازىر، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككىسىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئارزۇسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىككى چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ ھەممىسى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، پارلاق ئۇلۇغۋار ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، مېخانىزملىق ئالاقىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ ۋە يەنىمۇ ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر