خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش-لايىھەلەشكە قاتناشقان ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جىن جۇلىن (ئوڭدا) لايىھە ئىدىيەسىنى ھەمبەھىرلىمەكتە.
شۇ كۈنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېيجىڭ- جاڭجياكوۋ تېز رېلىسلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەسى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق پويىز ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش لايىھە نەتىجىسى جۇڭگو تۆمۈريول پەن تەتقىقات يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئېلان قىلىندى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېيجىڭ- جاڭجياكوۋ تېز رېلىسلىق قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقىدار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق پويىزلارنىڭ نۇسخا پويىزىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىپ قۇراشتۇرۇش 2018-يىلى تاماملىنىدۇ، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا تەڭشەش ۋە سىناپ دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈش تاماملىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى